نۇر تورى 8.1

نۇر تورى 8.1

چوڭلىقى : 7.07 MB نەشىرى : 8.1
تىلى : ئۇيغۇرچە تۈرى : خەۋەرلەر,خەۋەر
2017- يىلى 09- ئاينىڭ 26- كۈنى 635633 قېتىم چۈشۈرلدى

ئەڭ يېڭى خەۋەر ۋە تور دۇنياسىدىكى نادىر مەزمونلار ئەڭ تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىدىغان ئېسىل ئەپ

يانفوندا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ

  • نۇر تورى 8.1
  • نۇر تورى 8.1
  • نۇر تورى 8.1
  • نۇر تورى 8.1

تەپسىلاتى :

نۇر تورى ئۇلىنىش شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى تور بېكەت بولۇپ، كۈندىلىك زىيارەت ۋە مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىش سانى جەھەتتە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نۇر تورى ئەپ دېتالى كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىلەردە ئۇيغۇرچە خەۋەر، ھېكايە، يۇمۇر، ئۇچۇرلارنى كۆرۈش دېتالى بولۇپ، كۈنلۈك مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشى 200 پارچىدىن، ئىنكاسلارنىڭ يېڭىلىنىشى نەچچە مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ. ئەتراپمىزدا ھەممە دوس يارەنلىرىمىزنىڭ يانفونلىرىدا نۇر تورى بار، نۇر تورىنىڭ ئالما ۋە ۋىندوۋس فون نەشىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇيغۇر تېخنىكا ساھەسىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ خىل مەشغۇلات سىسىتېمىدا روياپقا چىقان ئەپ ھېسابلىنىدۇ. ياقتۇرسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ.

بۇ نەشىردىن يېڭىلىقلار :

بۇ نەشىردە تۆۋەندىكىدەك يېڭىلىقلار قوشۇلغان:
1. ئەزالىق مەركىزى قوشۇلغان؛
بۇندىن كېيىن تورداشلار نۇر تورىدا ئىنكاس يازغاندا، يۈرەك بەرگەندە ھەقىقىي نامىدا مەشغۇلات قىلىدۇ. يانفون نومۇرى ياكى ئۈندىدار نومۇرى ئارقىلىق تىزىملاتقىلى بولىدۇ.
2. ۋىدىيو قانىلى قوشۇلغان؛
يېڭى نەشىردە ھەر كۈنى نەچچە يۈزلىگەن قىزىقارلىق مەزمۇنلۇق قىسقا فىلىملەر نۇر تورىنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىدۇ.
3. چەمبىرەك ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلغان؛
ئەزا بولۇپ چەمبىرەك يوللىيالايسىز، سىزنى ياقتۇرغانلار سىزگە ئەگىشىپ تېخىمۇ ياخشى مەزمۇنلاردىن بەھىرلىنەلەيدۇ؛
4. ئەپ كۆرۈنمە يۈزى گۈزەللەشتۈرۈلگەن، مەشغۇلاتلار ئاددىيلاشقان؛
5. نۇر تورى LOGO ماركىسى يېپيېڭى قىياپەتتە لايىھەلەنگەن؛
نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ماركا لايىھەسى بەش يىل بۇرۇن لايىھەلەنگەن بولۇپ، بۇ قېتىم يېڭى ئۇسلۇبقا خاس ماركا ئوبرازى بارلىققا كەلدى.
6.مەزمون رەسىملىرى يانفونغا چۈشىۋالمايدۇ؛
خەۋەر ماقالىلەرنى كۆرگەندە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر يانفونغا چۈشىۋالمايدۇ، تورداشلار بىمالال ئىشلەتسە بولىدۇ.

تورداشلار ئىنكاسلىرى (130)

  • ئابلاجان 19 سائەت ئىلگىرى

    بۇ نۇر تورى نىڭ خېتى بەك كىچىك ئىكەن

  • پەرشتە 1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن نۇر تورنى بەك ياقتۇرمەن.

  • قەلبىنۇر 1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن كونا نۇر تورىنى بەيدۇدىن تاپقان لېكىن چۈشرەلمىدىم بىرياردەم قىلساڭلار

  • شەرىپە 1 ھەپتە ئىلگىرى

    نۇر تورىنىڭ يىڭى نۇسخىسىنى بەك ياقتۇردۇم

  • akida 1 ھەپتە ئىلگىرى

    نۇرتورى ياخشى

  • ئاۋ بەرى 1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەزالىق نۇمۇرىڭىزنى كىرگۇزۇڭ دەيدۇ مەن ئەزالىق نۇمۇرۇمنى تاپالمىدىم قانداق تاپارمە ياردەم قىلىڭلار

  • رازىيە 1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ياختۇردۇم رەھمەت

  • سۈكۈت 1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ يىڭى نۇسخىسىدىكى تاغدىن باغدىن سەھىپىسى ئەزا بولمىسا كۆرۈنمەمدىكەن؟ مەن ئەزا بولالمىدىم ،،،،،،،بۇ نۇمۇر باشقا نۇمۇر بىلەن باغلىنىپ بولغان ،،،،دەمدۇ ؟ئىشقىلىپ پەقەتلا ئەزا بولالمىدىم ،مۇمكىن بولسا بىرەسىڭلار ئىنىق چۇشەندۇرۇپ بەرگەن بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى ،

  • ماھىىرە 1 ھەپتە ئىلگىرى

    نۇر سالۇنى بەك قۇلايلىق

  • رەڭۋاز 1 ھەپتە ئىلگىرى

    بولمايدىكەن بۇ نۇر تورى كونا نۇسخىدىكى نۇر تورى بەك ياخشى ئىدى

  • تۇنجى قار 2 ھەپتە ئىلگىرى

    كود نۇمۇرى دىگەن نىمە؟دەپ بەرسەڭلارچۇ دوسلار؟

  • سۈر بۆرە 2 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن يېڭىلاپ بوپ يەنە كونا نۇسخۇدىكى نۇر تورىنى بەيدۇدىن چۈشۈردۈم،،،يېڭىلانغىنىنى پەقەت ياقتۇرمۇدۇم،،،يەنەلام بۇرۇنقىسى ياخشىكەن،،،،،

  • گۇلخۇمار 2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ياخشىكەن

  • ئەسرا 2 ھەپتە ئىلگىرى

    لەيلى،زۇلپىيەم دېگەندەك يېڭىسىغا كۆنەلمىگەن دوسلار بەيدۇغا چىقساڭلار كونىسىنى تاپالايدىكەنسىلەر!مەنمۇ شۇ يەردىن چۈشەدىم .

  • ئېمران 2 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ياخشىكەن

  • ئالىم 2 ھەپتە ئىلگىرى

    خىلى بولدىكەن بىراق رەسىملەرنى چۈشۈرگىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى

  • لەيلى 2 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇرۇنقى نۇر تورىنى قانداق چۈشىرىمىز ؟مەن بۇنى چۈشىنەلمىدىم ياردەم قىلىڭلا قانداق قىلسام بۇرۇنقىسى چۈشىدۇ؟

  • زۇننار 2 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇرۇنقى نۇر تورىدا پەقەتلا ئەسەر ئەۋەتىلمەس بوپ قالدىغۇ بۇ نىمىشقىدۇ

  • زۇلپىيەم 3 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇرۇنقى نۇر تۇرىنى يىڭىلىمىسام بۇپتىكەن بۇ يىڭىسىدا تاغدىن باغدىن ئەتراپىمىزدا دىگەنلەر يۇقكەن مەن نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئۇقىۋاتقان ھەمىسىنىڭ ئاخرى قالدى يا كۇنا نۇر تۇرىنى چۇشۇرەلمدىم ياردەم قىلساڭلار قانداق قىلىپ كۇنا نۇرنى چۇشۇرىمەن

  • akida 3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن نۇر تورى خەۋەرلىرىنى ياخشى كۆرەتتىم بىراق بۇ يىڭى نۇسخىسىدا خەۋەرلەر ئارىسىغا قىستۇرۇلغان رەسىملەرنى پەقەت كۆرگنى بولمايدىكەن بەك ئۇزۇنچاق چىقىدىكەن ئادەمنى بەك بىئارام قىلىدىكەن

  • نۇر ھايات 3 ھەپتە ئىلگىرى

    بىكارلا يېڭلاپتىمەن يەنىلا بۇرۇنقىسى ياخشىكەنتۇق
    يېڭىسنىڭ تاغدىن،باغدىن،ئەتراپىمىزدا سەھىپىللىرى يوقاپ كىتىپتۇ

  • مېھمان 3 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ نۇر تورى بەك ياخشى ئىكەن.

  • تەنھە 3 ھەپتە ئىلگىرى

    تاغ دىن باغدىن سەھپىسى يوقكەن يىڭىلىمىسام بوپتىكەن ئىسىت

  • ناخشا 3 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمىشقا ناخشا چۈشۈرگىلى بولمايدۇ

  • نۇرئەلى 3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن نۇر تورغا چىقۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى يىڭى نۇسقىسى تېخىمۇ يېقىشلىق زامانىۋى چىقىپتۇ خەۋەرلەرنىڭ ئېچىلىشمۇ شۇنداق تېز بىراق بەزى رەسىملىك خەۋەرلەردىكى رەسىملەر ئېچىلماي تۇرۋلدى ئچىلسىمۇ پەسكە سوزۇلۇپ كەتكەندەك كۆرۈنۋاتىدۇ تورنىڭ مەسلىسىمكىن دىسەم سىمىز توردا چىققان شۇنداق تېزتى تور سۈرئىتى مېنىڭچە سىلەر قىستۇرغان راسىملەر بەك چوڭ بولغاچقا شۇنداق بولۋاتامدىكىن دەيمەن يانا خەۋەردە ئامال بار رەسمىنى قىستۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىساڭلار قايىل قىلىش كۈچى تېىخمۇ ئاشىدۇ دوستانە پىكرىم

  • مەمەتئېلى 3 ھەپتە ئىلگىرى

    بەكلا ياخشى

  • چۇنكى 3 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم …ئەزالىق نومۇرىڭىزنى كىرگۇزۇڭ دەيد ۇ …ئۇنداق نومۇر كەلمىگەن تۇرسا

  • ئىشەنچ 3 ھەپتە ئىلگىرى

    نۇر چەمبىرىكىدىكى ياخشى يازمىلار ماقالە تەمسىللەرنى كۈچۈرۈپ چاپلاش ئىختىدارىنى قوشقان بولساڭلار

  • تۇنجى قار 3 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ يىڭىسىدا نۇر چەمبىرىكىدىكى تاغ باغ، ئەتراپىمىزدا،رەسىم،ھېكايە،قاتارلىق بىر نەچچە تۈرى يوقاپ كېتىپتۇ،يەنە تىزىملىتىشتا تەستىق كود نۇمرى دەيدىكەن ،سۇراشنى باسسا يوللاندى دەيدىكەن نۇمۇر يوق ، مەن پەقەت ئەزا بولالمىدىم ،ئىنكاس يېزىشقىمۇ ئەزالىقى كېتىدىكەن،

  • تەنھا بۈركۈت 3 ھەپتە ئىلگىرى

    نۇر تورى ھەقىقەتەن ياخشى ئونىۋېرسال تور

يوللاش مەزمۇنلانى تولۇق تولدۇرۇڭ